ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقماق

كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە لولىلىق، ھىيلىگەرلىك قىلماق، ئۇستىلىق قىلماق: ئۇ باشلىقنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقىپ، ئوڭايلا ئۇنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىۋالدى.

ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىك

①دائىم ئەسلەپ ياخشى گېپىنى قىلىپ تۇرۇش: ھەممىمىز ئۇنى ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيتتۇق. ②تەكرارلاپ ئېيتماق: بۈگۈن ئۆگەنگەن بەش سۆزنى ئۆيگە بارغۇچى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي يادلاپ ماڭدىم.

ئاغزى چىڭ

گەپنى ئىچىدە چىڭ ساقلايدىغان، ئاڭلىغان، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئېيتمايدىغان:-ئاغزىلا چىڭ بولسا. بۇ ئىشتىن مەسىلە چىقمايدۇ، -دېدى ھاشىم بىزگە جېكىلەپ.