ئاغرىنماق

پېئىل ①رەنجىمەك، نارازى بولماق، خاپا بولماق: مېھرىبان ئەزىزنىڭ پۇتىنى كېسىشكە ئوڭايلىقچە كۆنمەيدۇ ۋە بۇ ئىشتا سۇلتاندىن ئاغرىنىدۇ. ②چىدىماسلىق قىلماق: سەمەت نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ قورسىقىغا بىرەر جىڭ گۆش ئېلىپ يېيىشكىمۇ ئاغرىنىدۇ.

ئاغرىماق

پېئىل ①كېسەل بولماق، بىرەر كېسەلگە يولۇقماق: ئادىل ئويلىمىغان يەردىن ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قالدى. ②كېسەل بولۇش، جاراھەتلىنىش ياكى چارچاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بەدەننىڭ بىرەر جايى ئازابلانماق: قەيەر ئاغرىسا، جان شۇ يەردە (ماقال).