ئاغا

ئىسىم ①ئاكا: بىز ئاغا-ئىنى ئۈچىمىز ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدۇق، شۇڭا ئاقىۋەتمۇ ئۈچ خىل بولدى. ②ئۆزىدىن چوڭ، تۇغقاندەك يېقىن، قەدىردان كىشى: كېتەيلۇق ئاغا-ئىنىلار، ئامانلىققا بەل باغلاپ. ③تارىخى سۆز. ئەلنىڭ، يۇرتنىڭ كاتتىلىرى، چوڭلىرى، ھاكىملىرى: ئاغا بەگلەر جاۋاب بەردىم، بۈگۈن ئاخىر زامان دەڭلار، ئارمان بىلەن بەندە بولدۇم، بەگلەر سورىسا ئامان دەڭلار. <④تارىخ> مۇھىم ياكى ئالاھىدە بولغان قۇرۇلۇش-ئەسلىھەلەرنى باشقۇرغۇچى خادىم، باشقۇرغۇچى: ئىشىك ئاغىسى. ھەرەم ئاغىسى.

ئاشۋاقتى

ئىسىم [ئاش+ۋاقتى] كۈن بىرئاز كۆتۈرۈلگەن، ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان مەزگىل، ۋاقىت: ئۇ خېلى ئوخشىغان بەسەيلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى چىۋىق بىلەن ئوراپ باغلاپ بولغۇچە ئاشۋاقتى بولغانىدى.

ئاشۇنداق

ئالماش [ئاۋۇ+شۇنداق] ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ياكى كۆرسىتىلگەن نەرسىگە ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش: گومىنداڭچىلار ئاشۇنداق ھەيۋىلىرىگە قارىماي بۇ يەردىنمۇ خۇددى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان چۈمۈلىدەك پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى.