ئاشىقلىق

ئىسىم. ئاللاغا، بىرەر كىشىگە ياكى نەرسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، ئىنتايىن ئامراقلىق: ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس (ماقال). *دىلمۇرادنىڭ زېرەكلىكى، ئۆگىنىش، ئىزدىنىشكە ئاشىقلىقى مېنى ئۇنىڭغا خېلىلا يېقىنلاشتۇرغانىدى.

ئاشىق

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىراۋنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا خۇشتار بولۇپ قالغان، مۇھەببەت قويغان كىشى: ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس (ماقال). ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كىشى: گۈلگە ئاشىق بولغىنىم ئۈچۈن، گۈل تېرىدىم كۆڭلۈم بېغىغا. ۋۇجۇۇدۇمنى ئەيلىدىم تۇپراق، تومۇرۇمنى چېتىپ شېخىغا. ③تەركى دۇنيا ھالدا بارلىقىنى خۇداغا بېغىشلىغان، كۆپىنچە ئىبادەتخانىلاردا يېتىپ-قوپىدىغان، چاچ-ساقاللىرى ئۆستۈرۈلگەن كىشى، دەرۋىش

ئاشىپتە

سۈپەت [پارسچە] <يېزىق تىلى> مەپتۇن بولۇپ قالغان، ئەس ھوشىدىن ئاداشقان ئاشىق، شەيدا؛ پەرىشان: ساڭا ئاشىپتە بولدۇم بىر كۆرۈپ ھەم ئەقىلدىن ئازدىم، مۇھەببەتتىن خەۋەرسىزلەر «ساراڭ!» دەپ ئېيتمىدى بىكار.

ئاشنا

ئىسىم [پارسچە] ①دوست، يار-بۇرادەر؛ تونۇشبىلىش: مەن ئۇ كۈنلەرنى كىتابنى يار، تەتقىقاتنى ئاشنا تۇتۇپ ئۆتكۈزمىگەن بولسام، بىر مىنۇتمۇ ياشىيالمىغان بولاتتىم. ②ئادىشى، ئوينىشى: ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما (ماقال).