ئاشماق

1. پېئىل ①مىقدار ياكى ھەجىم جەھەتتىن كۆپەيمەك: ئۆسمەك، ئارتماق: ئۇنىڭ شەخسىي چارۋىسى 100 تۇياقتىن ئېشىپ كەتتى. ②مەلۇم بىر پەيت، ۋاقىت چېكىدىن ئۆتۈپ كەتمەك: ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتتى. ③مال باھاسى ئۆسمەك، نەرخقە نەرخ قوشۇلماق: ئۇنىڭ باھاسى ئەسلىي باھاسىدىن 70 يۈەن ئېشىپ كەتتى. ④كۈچەيمەك، زورايماق: ھەۋىسى ئاشتى. غېمىم ئاشتى. غەيرىتى ئاشتى.

2. ⑤تاكامۇللاشماق، مۇستەمكەملەنمەك، ياخشىلانماق؛ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك: ئۇنىڭ لاۋازىمات خىزمىتىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشاتتى. ⑥بىرەر جەھەتتىن ياكى بىرەر ساھەدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك، باشقىلارنى ئارقىدا قالدۇرماق: يېزىمىزنىڭ چارۋا مەھسۇلاتى قوشنا يېزىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئېشىپ كەتتى. ⑦مەلۇم بىر توساق، چېگرا ياكى نىشانلانغان جايدىن ھالقىماق: داۋاندىن ئاشماق. *يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال).

ئاشلىق

①ئىسىم. ئۇن چىقىرىلىدىغان، ئاش-تاماق قىلىنىدىغان دان: دانلىق ئاشلىق. *ئىشلەپچىرىش دۈيىمىز يازلىق يىغىمدىلا 200 مىڭ جىڭ ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزدى. ②سۈپەت. ئاش بولىدىغان، ئاشقا يېتىدىغان (ئالدىغا ساناق سان ئېلىپ كەلگەندە): ئۆيدە ئاران بىر ئاشلىق ئۇن قالغانىكەن، شۇڭا ئازراق ئۇن تارتىپ كېلەي دەپ ماڭدىم.

ئاشكۆكى

ئىسىم [ئاش+كۆكى] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىلىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماق ۋە غوللىرى ئالاھىدە خۇش پۇراق، ئاق چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق، مېۋىسى دۈگىلەك؛ «يۇمغاقسۈت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.