ئاشكارىلىماق

پېئىل. مەلۇم مەخپىيەتلىكنى ياكى سىرنى پاش قىلماق، ئېچىپ تاشلىماق: ھېچ ئشتىن خەۋىرى يوق تېۋىپ ئاۋۋال ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتتى، كېيىن يارىسىنى كۆرۈپلا سىرنى ئاشكارىلىۋەتتى.

ئاشكارىلىق

ئىسىم ①ئېنىقلىق، ئوچۇقلۇق، ھەممىگە ئايان، ئوچۇق بولغان ھالەت. <②بىئولوگىيە> ئارىلاش زىگوتادىكى بىر خىل ئىرسىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىدە ساپ زىگوتا پەرقلەنمەيدۇ.

ئاشكارا

[پارسچە] ①سۈپەت. ھەممىگە مەلۇم، ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان، يوشۇرۇنمىغان، ئوچۇق: ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا (ماقال). ②رەۋىش. يوشۇرماستىن، ئەينەن، ئوپئوچۇق: ئۇنىڭ خاتالاشقانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟

ئاشسۇ

ئىسىم [ئاش+سۇ] توي مۇراسىمىدا مېھمانلارغا زىياپەت بېرىش ئۈچۈن ئوغۇل تەرەپتىن قىز تەرەپكە بېرىلىدىغان نەرسىلەر: پەقەت توينىڭ ئاشسۈيىگىلا ئادەتتىكى ئىككى توينىڭ چىقىمى سەرپ قىلىندى.

ئاشخانا

ئىسىم [پارسچە] ①تاماق تەييارلاش، تاماق ئېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ھازىرلانغان ئۆي. ②ئىدارە، ئورگانلاردىكى خادىملار، مەكتەپلەردە بولسا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تاماق يەيدىغان ئورۇن: ئاشخانا خىزمىتى قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن كۆپچىلىكنى رازى قىلىپ كېتىش تەس ئوخشىمامدۇ؟