ئاسقاق

ئىسىم. تېرىلىدىغان يەرنىڭ توپىسىنى يۇمشىتىش، تاش-چالمىلىرىنى ئىلغاپ چىقىرىۋېتىش، بۇغداي ئېڭىزلىرىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى يىغىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان چىشلىق سايمان، تىرنا.

ئاسفالت

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <خىمىيە> ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ ئارىلاشمىسى، قارا رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك ۋە يېلىمسىمان بولىدۇ؛ تەبىئىي چىقىدىغانلىرى ھەم نېفىت ياكى كۆمۈر مېيىنى دىستىللەش ئارقىلىق ئېلىنىدىغانلىرى بولىدۇ؛ تەركىبى ئوخشاپ كەتمەيدۇ، يول ياساشتا يولغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ بىناكارلىقتا سۇدىن ھىمايە قىلىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.