ئاستىلاشماق

①«ئاستىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. ②سۈرئىتى تۆۋەنلىمەك، ئاستىلىماق: مەنمۇ ئورنۇمدا تۇرالماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم، ئېگىز كۆتۈرۈلگەنسېرى ئاستىلىشىپ، پىچاقتەك قىرلىق تاشلارنى تۇتۇپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى.

ئاستىدا

تىركەلمە سۆز ①بىرەر ھەرىكەت ياكى ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ باشقىسى بىلەن بىرگە ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا سادىر بولۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ: مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆز ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر-دە. ②بىرەر ھەرىكەت ياكى ھالەتنى پەيدا قىلغان باشقا بىر ھەرىكەت، ھالەت ياكى كەچۈرمىشلەرنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ: ئۇ تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئاخىرى ئۇنىڭ شەرتىگە كۆندى.