ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە>] ①<بىئولوگىيە> ئۆسۈملۈك ياكى جانلىق ئورگانىزم پائالىيىتى جەريانىدا سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ماددىلارنىڭ ئۆزلىشىشى، سىڭىشى، ھەزىم بولۇشى، ئۆزلەشتۈرۈلۈشى، سىڭدۈرۈلۈشى. ②بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى بىر مىللەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر بولۇپ كېتىشى. ③<تىل> تىلدا ئوخشىمايدىغان، ئەمما ئۆزئارا يېقىن ئىككى تاۋۇشنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە، بىرىنچىسى ئىككىنچىسىگە ياكى ئىككىنچىسى بىرىنچىسىگە ئوخشاپ كېتىشى.