ئاسترونومىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنى، تارىلىشى، ھەرىكىتى، شەكلى، قۇرۇلمىسى، خىمىيىلىك تەركىبى، فىزىكىلىق ھالىتى ۋە ئۆزگىرىشى، تەرەققىي قىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئاسترونومىيىلىك

سۈپەت. ئاسترونومىيىگە ئائىت، ئاسترونومىيىگە تەۋە: ئالدىنقى قېتىملىق «توققۇز سەييارىنىڭ مارجانسىمان رەتلىنىشى» دەك ئاسترونومىيىلىك ھادىسە بۇنىڭدىن 179 يىل ئىلگىرى كۆرۈلگەنىدى.

ئاسترومېخانىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسترونومىيىنىڭ بىر تارمىقى، مېخانىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلىنىپ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، شەكلى، ماسسىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئاستروفىزىكا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسترونومىيىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ فىزىكىلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ۋە نەزەرىيىلەر ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى، قۇرۇلمىسى، پەيدا بولۇشى، يورۇقلۇقى، ماسسىسى، چوڭ-كىچىكلىكى، تېمپېراتۇرىسى، ماگنىت مەيدانى، زىچلىقى، قۇرۇلمىسى، خىمىيىلىك تەركىبى، قۇياش ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئاستروخىمىيە

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسترونومىيىنىڭ بىر تارمىقى، ئۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى، فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، قۇرۇلمىسى، پەيدا بولۇشى، يورۇقلۇق، ماسسىسى، چوڭ-كىچىكلىكى، خىمىيىلىك تەركىبى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئاستروبىئولوگىيە

ئىسىم [گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسترونومىيىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ ئاسمان جىسىملىرىدا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شارائىتىنى تەتقىق قىلىپ، مەلۇم ئاسمان جىسمىدا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بېكىتىدۇ، شۇنداقلا شۇ خىل جانلىقلارنىڭ ھالىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئاستانە

ئىسىم [پارسچە] ①بىرەر يەرگە كىرىشتىكى بېسىپ ئۆتىدىغان جاي، ئورۇن؛ بوسۇغا: سېرىق يۈزۈمنى ئاستانەڭگە قويماقتىن مۇرادىم شۇ، بولاي دەيمەن گۈزەل بوينۇڭغا سالغان كەھرىۋايىڭمەن. ②پايتەخت: گەرچە ئايرىپ تۇرسىمۇ ئارىمىزنى تاغ-دەريا، ئاستانىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى. ③ئۆي، دەرگاھ، قارارگاھ: جاھانغا كۆز ئېچىپ سەندە تۇغۇلدۇم، بۇ مېنىڭ بەختىم، تېپىلماس مەن ئۈچۈن سەندەك ھايات ئاستانىسى يەكەن. ④تۇرپاندىكى ۋە يەنە قۇمۇلدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى.

ئاستا-ئاستا

①تۆۋەن سۈرئەت بىلەن، ئالدىرىماي: ئاسماندا بىر پارچە ئاق بۇلۇت ئاستا-ئاستا ئۈزۈپ ئۆتمەكتە ئىدى. ②پەيدىنپەي، تەدرىجىي ھالدا، تەدرىجىي: سوغۇق، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردى ئۇنى ئاستا-ئاستا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپتۇ.

ئاستا

رەۋىش ①تۆۋەن سۈرئەت بىلەن؛ ئالدىرىماي: سادىق ئاستا ماڭغىنىچە كېتىپ قالدى. ②يەڭگىلگىنە، بىلىنەر-بىلىنمەس: ئۇ قېيىن ئاستىدا يېتىپ، ئاستا كۈلۈپ قويدى. ③ئېھتىيات قىلىپ؛ ئاۋايلاپ: نۇرۇللا مۇختەر مەرگەننى ئاستا ئويغاتتى. ④تاۋۇش چىقارماستىن، سەزدۈرمەستىن، بىلدۈرمەستىن: ئاسىم، ئادەملەر ئارىسىدىن ئاستا چىقىپ كەتتى. ⑤تەدرىجىي ھالدا، تەدرىجىي: خاتىرە قابىلىيىتى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى تېز، ئۇنتۇلۇشى ئاستا بولىدۇ.

ئاست، ئاستى

ئىسىم ①نەرسىلەرنىڭ تەگ قىسمى، تۈۋى: ئۇ چېلەكنىڭ ئاستىغا يۇقۇپ قالغان لاينى تازىلاۋاتاتتى. ②نەرسىلەرنىڭ تۆۋەن قىسمىغا، تېگىگە يېقىن جاي؛ يېقىن ئەتراپى:-ئالتىدىن ئون ئىككى جەڭچى تام ئاستىغا بېرىپ، تام كەينىگە بومبا تاشلىشى كېرەك. ③نەرسىلەر ئىگىلەپ، بېسىپ ياكى قاپلاپ تۇرغان جاي؛ نەرسىلەرنىڭ تېگىدىكى جاي ياكى بوشلۇق: ئۇ ھويلىغا كىرىپ، باراڭنىڭ ئاستىدا ياتتى. ④نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى، ئىچى، ئارىسى: يەر ئاستى سۈيى. يەر ئاستى بايلىقلىرى. يەر ئاستى ئۆيى.