ئاسانلاتماق

«ئاسانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق، قۇرۇپ تېخنىكا ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق، تەرەققىيات يولىغا ئەزىز جاننى ئاتىساق، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئاسان

سۈپەت [پارسچە] ئىشلىنىشى، ئورۇندىلىشى جەھەتتىن ئانچە قىيىن، مۇرەككەپ بولمىغان ھەم ئانچە كۆپ مېھنەت، كۈچ ۋە بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان؛ بوش، يەڭگىل: ئىشنىڭ ئاسىنى، يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق (ماقال).

ئاساسەن

[ئەرەبچە] ①رەۋىش. ئاساسىي جەھەتتىن: غۇلجا شەھرى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەييارلىقنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولدى. ②تىركەلمە سۆز. بىنائەن، بويىچە:-داداڭ ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشتا قۇربان بولدى. سەن تۇغۇلدۇڭ. داداڭنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئىسمىڭنى جاسارەت قويدۇم، -دېدى ئانا ئوغلىغا.

ئاساسىي قانۇن

<قانۇن> دۆلەتنىڭ ئەڭ زور قانۇنىي كۈچكە ئىگە تۈپ قانۇنى. باشقا قانۇنلار شۇنىڭغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ. ئۇ ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.

ئاساسىي

سۈپەت [ئەرەبچە] ①ئەڭ مۇھىم، نېگىزلىك، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەھمىيەتلىكى؛ تۈپ، باش: ئاساسىي زىددىيەت. ئاساسىي قانۇن. ②دەسلەپكى، ئەقەللىي؛ ئومۇمىي: ئاساسىي بىلىم. ئاساسىي ماھارەت. ئاساسىي چۈشەنچە.

ئاساسلانماق

①«ئاساسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي رېئاللىق ئارقىلىق ئاساسلانغان نۇقتىئىنەزەر. ②مەلۇم شەيئىنى خۇلاسىلاش ياكى ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلماق؛ تايانماق، يۆلەنمەك: تىلشۇناسلىققا دائىر تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالتاي تىللىرى توڭغۇس تىلى، تۈركىي تىللار ۋە موڭغۇل تىل تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.