ئاساسسىز

سۈپەت ①يېتەرلىك ئاساسى بولمىغان، دەلىللەر بىلەن مۇستەھكەملەنمىگەن، ئىسپاتلانمىغان، ئىسپاتسىز: بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۈلكە بۆرىگە ئۇچراپ:-ئۆچكىلەر قىلچە ئاساسسىزلا نامىڭىزغا تىل تەگكۈزىشىدۇ، -دەپتۇ. ②سەۋەبسىز، مەقسەتسىز: مېنى ھەم ۋاقتىنچە تاشلاپ قويغىنى ئەمەسكەن ئاساسسىز ھەمدە سەۋەبسىز. بۇ دېمەك ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنى ئەمما، ئۈمىدمۇ گۈللىمەس ئەجىرسىز-تەرسىز. ③زۆرۈرىيىتى يوق، قۇرۇق؛ ھاجەتسىز: لېكىن سەمەت بۇ ئەندىشىنى ئاساسسىز دەپ ھېسابلايتتى.

ئاساس

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ①نەرسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ ياكى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمى، ئۇل. ②ئىجتىمائىي ھايات ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلغان نەرسە، تايانچ، نېگىز، بازا: سوتسىيالىزمنى پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى رېئال ئاساسقا قويۇش كېرەك. ③باش قائىدىلەر، ئاساسىي پرىنسىپلار: لۇغەتشۇناسلىق ئاساسلىرى. ④سادىر بولغان ياكى قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلىدىغان دەلىل، ئىسپات، سەۋەب: ھازىر بىرنەرسە دېيىشكە تېخى ئاساس يوق.

2. ئىسىم ⑤<ماتېماتىكا> گېئومېتىرىيىلىك شەكىلنىڭ، چېرتيوژنىڭ ئاستى تەرىپىگە پاراللېل بولغان تەرىپى. ⑥<ماتېماتىكا> دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدىغان ئەسلىدىكى سان. ⑦<خىمىيە> كىسلاتالار بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، تۇز ھاسىل قىلىدىغان بىرىكمە يەنى گىدروكسىل گۇرۇپپىسى بولغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئاسارەتلىك

سۈپەت ①چەكلەنگەن، چۈشەپ قويۇلغان، بويۇنتۇرۇقلۇق: دىلشات قاۋاقخانىغا يەنى تارىختىن بۇيان مىللىتىمىزنى نادانلىق ۋە ئاسارەتلىك يولغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ تېگى يوق ھاڭ تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ. ②ئەركىنلىك، مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم قىلىنغان؛ ئەسىرلىك، قۇللۇق ۋە تۇتقۇنلۇققا دۇچار بولغان: ئەزىز دوستۇم، مۇڭغا چۆكۈپ قالىسەن نېچۈن، ئۆكۈندۈڭمۇ ئاسارەتلىك ئون يىلىڭ ئۈچۈن.

ئاسارەت

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ①چەكلىمە، بويۇنتۇرۇق: گەرچە ئۇنىڭ «ئاساسى» بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ يەردە يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىدېئالىزمنىڭ ئاسارىتىدە ئىدى. ②ئازادلىقتىن، ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇق؛ ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق: ئىسكەندەر قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئاسارىتىدە ھېچنېمىنى سەزمەي يېتىۋېرىپتۇ.
2. ئىسىم [ئەرەبچە] ①تەسىر؛ ئەسەر، ئىز، بەلگە. <②تېبابەت> بىرەر كېسەللىكتىن قالغان ئېغىر ئىز، ئاقىۋەت.

ئاسارۇن

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى يۈرەك شەكىللىك، گۈلى تۇتۇق سۆسۈن، يىلتىزى ناھايىتى ئىنچىكە، تەمى ئاچچىق بولۇپ، دورا قىلىنىدۇ؛ باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولى بار.

ئاسارئەتىقە

ئىسىم [ئەرەبچە] قەدىمكى دۇنيا ئىنشائاتلىرى، قەدىمدىن قالغان مەدەنىيەت، تەرەققىيات تارىخىدا مەلۇم قىممەتكە ئىگە يادىكارلىقلار يەنى قۇرۇلۇش، مەڭگۈتاش، قورال-ياراغ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار.

ئاسار-تۆرە

ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنا-قولۇم، مەھەللە-جامائەت ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇيۇشۇپ، بىرەر كىشىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ، ئۆي-جاي سېلىش، دېھقانچىلىق قاتارلىق ئۆزى يېتىشىپ بولالمايدىغان ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ھەرىكەت.