ئازنىلىماق

پېئىل. ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە كېلىن ئاياللار ئازنا كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارماق؛ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىماق: ئازنا قىلماق. *رازىيە بۈگۈن چىرايلىق كىيىنىپ، بۇدرۇققىنا ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ، چوڭ ئۆيگە ئازنىلىغىلى ماڭدى.

ئازماق

پېئىل ①يولنى يوقىتىپ قويماق؛ تېنىمەك: ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر (ماقال).*يولدىن ئازسىمۇ، يۇرتىدىن ئازماپتۇ (ماقال). ②يېڭىلىشماق؛ خاتا قىلماق: ھېساباتتا ئازماق، گەپتە ئازماق.*لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەدداھنىڭ بۇ جەڭنامىنى ئازماي، ھودۇقماي ۋە شۇنچە تەمكىن بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .③كۆچمە مەنىلىك سۆز. توغرا يولدىن تايماق، ناتوغرا يولغا كىرمەك، ساختا پىكىرگە ئەگەشمەك: ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ (ماقال).