ئازغانلىق

①سۈپەت. ئازغان ئۆسكەن ياكى ئۆسىدىغان: ئازغانلىق ئېرىق. ئازغانلىق باغلىغۇچى ②ئىسىم. ئازغان ئۆسكەن ئورۇن، جاي: تاغدىكى نۇرغۇن مايمۇنلار ئۈركۈپ كەڭ بىر ئازغانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ.

ئازغان

ئىسىم <بوتانىكا> ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولى ئىنچىكە، شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن كىچىك تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك، خۇش پۇراقلىق؛ مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ.