قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان.

قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان.

ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئاكا ئۇزاق يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشىنى ئىزچىل رەۋىشتە ئۆز خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ تىكلىگەن. ئۆزى ئىشلەۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تاكى شائىر بەگمەت يۈسۈپ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگىچە بولغان ئارىلىققىچە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئەڭ يېڭى، مول مەزمۇنلۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالە-ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان مىللىي مەۋجۇتلۇق ژۇرنىلىمىز ئىدى. قۇربان مامۇت ژۇرنالغا ماقالە تاللاشتىن تارتىپ، ماقالىلەردىكى سۆز، جۈملە، ھەتتا ئىملاغىچە ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلەيدىغان ئىنتايىدىن ئەستايىدىل ژۇرنالىست ئىدى.

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» – قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشر قىلىنىدۇ، بۇ ژۇرنال 1951- يىلى «ئاممىۋى كۇلۇب» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىشقا باشلاپ، 1980 – يىلدىن تارتىپ نامى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن ۋە كېيىنكى يىللاردا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئاز بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇشۇ ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.


قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت
يالقۇن روزى، قۇربان مامۇت ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن
يالقۇن روزى، قۇربان مامۇت ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن
قۇربان مامۇت
قۇربان مامۇت

UYGUR.COM

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *