«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئايدا-يىلدا

ئۇزاق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بىرەر قېتىم؛ ئاندا ساندا، بىرە-بىرە، ناگان-ناگاندا: ئەمدىلىكتە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پۈتۈن تىرىكچىلىكى قىزى چەت ئەلدىن ئايدا-يىلدا ئەۋەتىدىغان خالتىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى.

ئاينىتىلماق

1. «ئاينىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: ئۇلار ئاللىقاچان ئاينىتىلغانىدى. 2. «ئاينىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى: مىڭبىرجاپادا ئاينىتىلغان كۆچەتلەر ئۇلارنىڭ رەھىمسىز قوللىرى ئارقىلىق كېسىپ تاشلاندى.