«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئانارتاش

ئىسىم [ئانار+تاش] كان ماددىسى بولۇپ، تەركىبى تۇراقسىز، ھەر خىل رەڭدىكىلىرى ھەمدە ئەينەكتەك پارقىرايدىغانلىرى بار، قاتتىقلىقى يۇقىرى، ئۇنىڭدىن چاقلاش ماتېرىيالى ياسىغىلى بولىدۇ، يەنە لازېر نۇرى ئۈسكۈنىسى ياساشتىكى مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ بىرى.

ئاياللىق

سۈپەت ①ئايالى بار، خوتۇن ئالغان: ئاياللىق ئەر دېگەن تالاغا قارىسا سەت بولىدۇ. ②ئايال كىشىگە خاس، ئايال كىشىدە بولىدىغان: ئۇنى شۇ تاپتا ئاياللىق ۋىجدانى ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

ئايرىما

ئىسىم ①پەرق: ياش ئايرىمىسى، جىنسىي ئايرىما. *بىر چاغ ئىدىم ئەسىرى شۇ ئاجايىپ تۇيغۇنىڭ، ئايرىمىسى قانچىلىك ئىنسان بىلەن توخۇنىڭ. ②<ماتېماتىكا> ئېلىشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە.

ئايلىناي

①«ئايلانماق» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلى 1-شەخس، بىرلىك شەكلى. ②ئىملىق سۆز. سادىغاڭ كېتەي، سەدىقە، قۇربان بولاي، ئۆرگىلەي: قوي قوتاندا، ئايلىناي، بايا ئاكىڭىزنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇشقا باشلىىغاندىلا سولىۋەتكەنمەن.