«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۇزماق

پېئىل ①بىر يۈرۈش ياكى بىر پۈتۈن نەرسىنى پارچىلىماق، چۇۋۇماق، سۆكمەك، ئاغدۇرماق، ۋەيران قىلماق، كېرەكتىن چىقارماق: ئۆينى بۇزماق. ماشىنىنى بۇزماق. ②يوق قىلىۋەتمەك، يوقاتماق: ئۇ شىمىنىڭ قىرىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تىزىنى ئۈستىگە سەل تارتىپ ئاۋايلاپ ئولتۇردى. ③يارامسىز، لايىقسىز، سۈپەتسىز قىلىپ قويماق؛ ئەپلەشتۈرەلمەي قالماق: ئۇ تۇزنى تەڭشىيەلمەي، ئاشنى بۇزۇپ قويۇپتۇ. ④ھەقىقەتتىكىدىن، ئەسلىدىكىدىن باشقىچە قىلىپ ئىپادىلىمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە): ئۇ يېتىپ كېلىپ نادەمنىڭ مەيدىسىگە نوقۇپ:-ما ياققا ماڭ، بىزنىڭ سەينى ئالىدۇ مەن پۇل بېرىدۇ،-دېدى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ. ⑤مەۋجۇت ۋەزىيەتنى، كەيپىياتنى، ھالەتنى ئۆزگەرتمەك؛ دەخلى قىلماق: تىنچلىقنى بۇزماق. جىملىقنى بۇزماق. تەلەتىنى بۇزماق. ⑥ماس كەلمەي قالماق، نۇقسان يەتكۈزمەك: يېڭى سېلىنغان بىنالار ئارىسىدىكى بۇ قەدىمىي ئۆيلەر قورۇنىڭ يېڭىچە ھۆسنىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ⑦بەربات قىلماق، بىكار قىلماق، يوققا چىقارماق: پىلاننى بۇزماق.*ئىشنى يەنىلا...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

بۇلاق

ئىسىم ①يەر ئاستىدىن چىققان سۇ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئېغىزى: سۇ ئانىسى-بۇلاق، سۆز ئانىسى-قۇلاق (ماقال). ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باي، پۈتمەس-تۈگىمەس مەنبە: ئىجاد بۇلىقى. ئىلھام بۇلىقى.*كىتابنى سۆي، ئۇ ئىلىم بۇلىقى.