«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەرمۇدۇن

ئىسىم <بوتانىكا> ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، بىرقانچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ قوۋزىقى ۋە ئۇرۇقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى قېرىق، زەھەرسىز، ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، يارىلارنى قورۇيدۇ، ئاغرىقنى باسىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق، نېرۋا ئاجىزلىق، ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.

ئەزىز

[ئەرەبچە] ①سۈپەت. ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك: ئەزىز مېھمان. ئەزىز دوست. ئەزىز ئوغلۇم. ②سۈپەت. ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك، بىباھا: ئەي ئەزىز ئانا دىيارىم ياشنىدىڭ بوستان بولۇپ، كۈيلىنەر ئىشقىڭ تۈمەن دىلدا غەزەل-داستان بولۇپ. ③ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئەستىلىك

ئىسىم ①بىرەر كىشىگە ياكى ئۆز يېقىنلىرىغا خاتىرە ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان نەرسە، بۇيۇم، يادىكارلىق: بۇ ساڭا ئەستىلىك بولسۇن. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن، كەچۈرگەن ياكى ئۆز ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىش، ھادىسە، ۋەقە ھەققىدىكى ئەسلىمە: ئۇنىڭ مەيۈس چىرايى، غەمكىن كۆزلىرى قانداقتۇر بىر ئاچچىق خاتىرە، كۆڭۈلسىز ئەستىلىكلەرنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

ئەسكەرچىلىك

ئىسىم. ئەسكەرلىك ھاياتى، تۇرمۇشى:-ئەسكەرچىلىك دېگەن ھەقىقەتەن تەس، تەقسىر، ئەسكەرنىڭ بوينى قىل ئارغامچىدا باغلاقلىق بولىدىكەن، -دېدى ئۇ يېنىدىكى ئەسكەرلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ.

ئەشمىقۇم

ئىسىم [ئەشمە+قۇم] <گېئولوگىيە> قۇمنىڭ بىر خىلى. ئادەتتىكى قۇم بىلەن سېغىز ئارىلىقىدا بولىدۇ، مىنېرال تەركىبى ئادەتتىكى قۇم بىلەن ئوخشاش. ئۇ ھازىرقى زاماندىكى چۆكۈندىلەر تەركىبىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.