«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەيلەتمەك

①«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: قاسىم تېرىلەرنى شەخسلەرگە ھۆددىگە بېرىپ سۈپەتلىك ئەيلىتىپ بولدى. ②«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: سۆيگۈدىن سالدى ئەل ئاسفالت يولغا، قەلبىدەك غۇبارسىز پاياندازىنى، گۈلدەستە تۇتۇشتى بىزگە ھەۋەستە، ئەيلىتىپ جەۋلان ئۇز باھار، يازىنى.

ئەينەكچىلىك

ئىسىم ①ئۆي-ئىمارەت دېرىزىلىرىگە، ئىشكاپ، جاھازلارغا ئەينەك سېلىش ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشى، شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى: دادام ئەينەكچىلىك قىلاتتى. ②ھەر خىل ئەينەك بۇيۇملارنى ياساش مەشغۇلاتى.

ئەيىبكار

ئىسىم [ئەرەبچە+پارسچە] خاتالىق ئۆتكۈزۈپ جىنايەت سادىر قىلغان، قانۇن ئالدىدا ئەيىبلەنگەن كىشى؛ گۇناھكار، جاۋابكار: ئەسقەر شوخلۇق قىلىپ بىكاردىن-بىكار ئەيىبكار بولۇپ قالدى.

ئەۋزەل

①سۈپەت [ئەرەبچە] ياخشى، ئەلا، ئوبدان، ئارتۇق: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل (ماقال). ②ئىسىم [ئەرەبچە] لاي ھەم گەجدىن كىچىك ھەم نازۇك قىلىپ ئىشلەنگەن ياكى ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ كېشىكىنىڭ يۈزى تەرىپىگە چىقىرىلغان پىلتا-ناۋا. ③پىلتا-ناۋا قاقىدىغان ئەسۋاب.

ئەبگار

سۈپەت [پارسچە] ①ھال ئەھۋالى ناچار، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ خاراب: بۇ جاراھەتلەر ئۇنى تولىمۇ كۆرۈمسىز، ئەبگار كۆرسىتىپ تۇراتتى. ②ئورۇق، زەئىپ، جۈدەڭگۈ؛ ئاجىز: ئەتىياز كۈنى تاغدىن ھەيدەپ كېلىنگەن قويلارنىڭ ھەممىسى ئەبگار ئىكەن.