«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەگرى

سۈپەت ①قىڭغىر، ئېگىلگەن: بوۋاي ئەنە شۇ ئەگرى دەرۋازىدىن چىقىپ، رەستىلەرنى ئايلىنىپ، دوپپا بازىرىغا باردى. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ناتوغرا؛ ساپ بولمىغان، ناپاك: ئەگرى سۆز. ئەگرى قول. ئەگرى غەرەز.

ئەلقىسسە

باغلىغۇچى [ئەرەبچە] «ھېلىقى قىسسەنىڭ ئۆزىگە كەلسەك؛ شۇنداق قىلىپ» دېگەن مەنىدىكى باغلىغۇچى رولىدىكى سۆز: ئەلقىسسە، شۇنىڭدىن كېيىن، شاھ خىسراۋ شەھەرگە قايتىپ، ئىككى ئاغىچىسىنى قويۇپ بەردى.

ئەلھەزەر

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ھەزەر قىلىڭلار، ساقلىنىڭلار: كۆرمىگەن ئوڭ-سولدا دۇنيا بولسىمۇ زىرۇزەۋەر، دەر ئىدى خەلقىم زۇلۇمدىن «ئەلھەزەر، مىڭ ئەلھەزەر«، پېرىخۇندەك ئەللە ئويناپ كەلسە جىندار ئالدىدا.

ئەمگەك

ئىسىم. ①ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە قىلىنغان ئىش، پائالىيەت؛ سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر؛ مېھنەت: ساقىلىنى ساتقان قېرىدىن، ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى (ماقال). ②دىئالېكت. جاپا، غۇربەتچىلىك، قىيىنچىلىق.

ئەممەك

پېئىل ①ئەمچەكتىن ياكى ئېمىزگۈدىن سۈت سۈمۈرۈپ ئىچمەك:-جېنىم ئانا ! سەندىن بۈگۈن ئايرىلىدىغان بولدۇم، سېنى ئاخىرقى قېتىم بىر ئېمىۋالسام، -دەپتۇ بالا. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئۆزىگە سىڭدۈرمەك، بەھرە ئالماق: گۈل چېكىمەن ئىشقىمدىن، تالا-تالا يول قىلىپ، تاغدەك كۈچكە تولدۇممەن، زامانەمدىن نۇر ئېمىپ.