«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەپچىل

سۈپەت ①چاققان، چېۋەر، چەبدەس: سادىقنىڭ ئەپچىل بىر ئىنىسى قازناقنىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ تۇلۇمنى يېشىۋېتىپتۇ. ②ئەپلىك، قۇلاي، مۇۋاپىق، باب: ئەخمەتجان ئۇنىڭ قولىدىكى ۋېلىسىپىتنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىغا ئەكىلىپ ئەپچىل بىر جايغا قويۇپ قويدى. ③كېلىشكەن، تۈزۈك، جايىدا: ئۇ بۈگۈن ئۆزىگە گىرىم قىلىپ، چاچلىرىنى يۇيۇپ-تاراپ، خېلىلا ئەپچىل ئايال بولۇپ قالغانىدى.

ئەترەت

1. ئىسىم [رۇسچە] ①ھەربىي گۇرۇپپا: بىز بەشىمىز رەتلىك تىزىلىپ، ھەربىي قائىدە بويىچە يېڭى ئەترەت باشلىقىمىزنى قارشى ئالدۇق. ②بىرەر ئىش، پائالىيەت، خىزمەت ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان كىشىلەر توپى، گۇرۇپپا: ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، سىنىپ بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدە قىزىل گالستۇك تاقاپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. 2. ③<بىئولوگىيە> بىئولوگىيىدىكى بىر سىنىپقا ياتىدىغان ۋە بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن ئايرىلغان جانلىقلار توپى. مەسىلەن: قۇشلار سىنىپى، توخۇ شەكىللىكلەر ئەترىتى، قارىغاي سىنىپى، كۈمۈشئۆرۈك ئەترىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئەجنەبىي

[ئەرەبچە] ①سۈپەت. چەت ئەللىك، چەت ئەللىككە ئوخشاش: يۇرتداشلار سۆز ئاچتى سېنىڭ توغراڭدا، كەپتۇ بىر ئەجنەبىي بالا. ئوخشىماي قاپتۇ ئۇ يېزا ئوغلىغا، سەسكەندى يېزىمىز، بۇ سەھرا-دالا. ②ئىسىم. چەت ئەل پۇقراسى، چەت مەملىكەت ئادىمى: چېكىلىۋاتقان بۇ تاماكىنى يېقىندا ئاقسۇنى زىيارەت قىلغان غەربلىك ئەجنەبىيلەر تەقدىم قىلغانىدى.