پ

پاسخا

ئىسىم [رۇسچە] ①<دىن> خرىستىئانلارنىڭ، ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام ئەتىيازدا كۈنتۈن تەڭلىشىپ، بىرىنچى قېتىم ئاي تولغاندىن كېيىن كېلىدىغان دەسلەپكى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ②يەھۇدىيلارنىڭ باھار پەسلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي بايرىمى.

پانا

ئىسىم. نەرسىلەرنىڭ ئاراچلىرىغا قېقىلىپ، چىڭىتىش رولىنى ئوينايدىغان ياكى بىرەر نەرسىنى يېرىش ۋە ئاجرىتىشتا ئارىلىقىغا قىستۇرۇلىدىغان، ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ئىشلىنىدىغان ياپىلاق سايمان؛ چوڭ شىنا: پانا قاقماق.