ئارقال

ئىسىم <بوتانىكا> پاكار ئۆسىدىغان، غولى بوغۇم-بوغۇم، رەڭگى سېرىق ھەم ئىللىق پۇرايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇنى تاماققا سالسا، تاماقتا تەملىك پۇراق ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك «ئارقال ئوتى» دېيىلىدۇ.

ئارقار

ئىسىم. <زوئولوگىيە> بىر خىل ياۋا قوي، مۈڭگۈزى توم ۋە چوڭ بولۇپ، يۇڭى يىرىك ۋە ئۇزۇن، قوڭۇرغا مايىل كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ قۇيرۇقى قىسقا، پۇتلىرى بېجىرىم ھەم كۈچلۈك، ئېگىز تاغلارغا چىقالايدۇ.

ئارقا

ئىسىم ①گەۋدىنىڭ قورساققا نىسبەتەن كەينى تەرىپى: ئارقىسىنى قىلماق. قولىنى ئارقىسىغا تۇتماق. ②نەرسىلەرنىڭ كەينى قىسمى؛ يۈزىگە، ئالدى تەرەپكە قارىمۇقارشى بولغان قىسمى، تەتۈرى: سۈرەتنىڭ ئارقىسى.*ئۇ تامنىڭ ئارقىسىغا چاپلانغان خەتنى ئاستا سويۇۋالدى. ③تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارغا نىسبەتەن باش ۋە كۆكسىنىڭ كەينى تەرىپى: ئاتنىڭ ئالدى پۇتى ئىششىق بولسا، ئارقا پۇتىغا تەسىر قىلىپ، مېڭىشى بۇزۇلىدۇ .