شەخسلەر

قۇربان مامۇت

قۇربان مامۇت

تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى، كۇچار ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا، بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، 1985-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ 2011-يىلى  پېنسىيەگە چىققان. قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل خىزمەتتە بولغان بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان. ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئاكا ئۇزاق يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشىنى ئىزچىل رەۋىشتە ئۆز خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ تىكلىگەن. ئۆزى ئىشلەۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تاكى شائىر بەگمەت يۈسۈپ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگىچە بولغان ئارىلىققىچە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئەڭ يېڭى، مول مەزمۇنلۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالە-ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان مىللىي مەۋجۇتلۇق ژۇرنىلىمىز ئىدى....

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غازى ئەمەت

غازى ئەمەت

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى 1935-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەخمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەمەتنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن، 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا، رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954-شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. غازى ئەمەت جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پىرافىسور، شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دەرىجىلىك ئاتاقلىق رەسسام. 1954-يىلى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق

ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى «دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا «قايتا تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقى

نىياز كېرىم شەرقىي 1948- يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەمدە جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى تەھرىرلىك، نەشر قىلىش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى . جۇڭگو تارىخ موزىيى گۈزەل سەنئەت گالىرىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق چەتئەللەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى. ئۇيغۇر خەتتاتلقىدا يىتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئ‍ۇستاز نىياز كېرىم شەرقىگە 2015-يىلى شىۋىتسيە خان جەمەتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى ھەم ئوردىن تەقدىم قىلىندى. نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلغان ۋە 1985-، 1989-، 1998-، 2005-، 2008- يىللىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا، قازاقىستان، پاكىستان، تۈركىيىلەرگە بېرىپ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن، يىرىك شائىر ۋە يازغۇچى مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئارتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆرت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوڧى ئاللايار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەڧتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

چىمەنگۈل ئاۋۇت

چىمەنگۈل ئاۋۇت

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973- يىلى 6- دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەدىپلىك ھاياتىئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن. چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004- يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ» نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008- يىلى 11- ئايدا مەملىكەتلىك 9- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئىسلامجان شېرىپ

ئىسلامجان شېرىپ

ئالىم، تۆھپىكار تەرجىمان، زامانىمىزدىكى داڭلىق ئۇيغۇر نەشىرىياتچىسى، ناتىق ئىسلامجان شېرىپ 1947-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، بەشكېرەم، ئاۋات يېزا ۋە قەشقەر شەھىرىدە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىغان. 1976-يىلى ج ك پ گە كىرگەن. ئۇ «ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە، ئىدىيە تارىخى جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «قۇداغۇبىلىك» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ش، ئۇ، ئا، ر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ 1967-يىلى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى، 1985-يىلى ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرىدە نەشىرىيات-ئاخبارات كادىرى، نەزەرىيە تەتقىقات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پەلسەپە -ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ئەركىنئاي ئابلىز 1976- يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە ئىككى يىل دەرس ئالدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. ئەركىنئاي قاتتىق تىرىشىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، 2001- يىلى نيۇ يورك شتاتلىق...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئۇيغۇر دوكتورلىرى

ئابدۇقادىر ھوشۇر (تىببىي، ياپونىيە)
ئاسىيە (تىببىي، فرانسىيە)
ئارزۇگۈل غۇلام (بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى)
ئالىم تۇرسۇن (مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو)
ئابدۇسالام جالالىدىن (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئابدۇقادىر تاش (ئاخبارات، ئامېرىكا)
ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف (فىزىكا)
ئاينۇر ئابدۇرازاق (كومپيۇتۇر، ئامېرىكا)
ئايجامال ئابدۇراھمان (ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
ئايگۈل مۇھەممەد (ماتىماتىكا)
ئابدۇۋەلى كېرىم (ئەدەبىيات، جۇڭگو)
ئايقىز قادىر (جۇڭگو)
ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق (جەمئىيەتشۇناسلىق، تۈركىيە)
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرەشىد
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (پەلسەپە، قىرغىزىستان)
ئابدۇۋاسىت غولام (جۇغراپىيە، ئامىرىكا)
ئابدۇسەمىي ئابدۇراھمان (سەنئەت، ياپونىيە)
ئابدۇرېھىم ئايتبايېۋ
ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھم (تىلشۇناسلىق، ياپونىيە)
ئابدۇرېھىم راھمان (تىلشۇناسلىق، جۇڭگو)
ئابلىكىم ياسىن (تۈركلوگىيە، جۇڭگۇ)
ئابلەت قادىر (يېزا ئىگىلىك، ياپونىيە)
ئابدۇرەشىد (تەبئىي پەن، ياپونىيە)
ئاسىيە كېرىم (تەبئىي پەن، ياپونىيە)
ئابلەھەت ئەبدۇلھىمىد (تەبىئىي پەن، ياپونىيە)
ئابلىز ھىمىد (تەبئىي پەن، ياپونىيە)
ئالىمجان (جۇغراپىيە، ياپونىيە)
ئالىم ئابدۇراھمان (تەبئىي پەن، ياپونىيە)
ئالىمجان ئىدرىس (تەبئىي پەن، ياپونىيە)
ئابدۇكېرىم ئابدۇللا (تەبىىئي پەن، ياپونىيە)
ئابدۇلېتىپ ئابدۇللا (تەبىئىي پەن، ياپونىيە)
ئابدۇغېنى ئابدۇرېھىم (تەبىئىي پەن، ياپونىيە)
ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم (تىببىي پەن، ياپونىيە)
ئابدۇرەئوپ پولات (تۈركلوگىيە، تۈركىيە)
ئايسىما مىرسۇلتان (تۈركلوگىيە، گېرمانىيە)
ئابلەت سەمەد (تۈركلوگىيە، گېرمانىيە
ئاسىيە (ياپونىيە)
ئابدۇرېھىم يۈسۈپ (تىببىي، روسىيە)
ئايتىللا خالىق (سەنئەت، ئۆزبەكىستان)
ئالىم پەتتار (تىببىي، ياپونىيە)
ئابلىمىت ئابدۇقادىر (جۇغراپىيە، جۇڭگو)
ئابلىمىت (ئۇچۇر ئېلمى، جۇڭگو)
ئابدۇقادىر...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقبال تۇرسۇن

ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېىسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئىقبال تۇرسۇن 1969- يىلى 8- سېنتەبىر قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بۆرتالا ۋە قەشقەردە ئوقۇغان. 1986- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا تولۇق كۇرس ئوقۇشىقا قۇبۇل قىلىنغان. 1991– يىلدىن 1994- يىلغا قەدەر شۇمەكتەپنىڭ تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى تاماملىغان، شۇ يىلى 7– ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.ئىقبال تۇرسۇن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، « ئىستېتىكا»، « ئەدەبىيات–سەنئەت پىسخولوگيىسى»، «نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتى»، «كىنو–تېلېۋىزىيە سەنئىتىدىن زوقلىنىش»، «ئەدەبىيات تەتقىقات مېتودولوگىيىسى»، «ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى» قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن.

2003– يىلدىن 2006– يىلىغىچە شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىىن ھوشۇر – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى پروزا ساھەسىدە مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى.

قىسقىچە ھاياتى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

يازغۇچىلىق ھاياتى
مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1995-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەدەبىي ئىجادىيىتى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا چىقىۋاتقان ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىندى. 30 پارچىگە يىقىن شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئېپپىتى»، «رەزىل ئاپتاپ»، «دۇتارچى ئايال» ناملىق 50 پارچىگە يىقىن شېئىرلىرى ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «كۆكنۇر شېئىرىيەت مۇكاپاتى»، «يالقۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە «ئاقيول شېئىرىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى. 2012- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇقام خۇمارى» ناملىق شېئىرلار...

داۋامىنى ئوقۇڭ!