ماقال-تەمسىللەر (ئە)

  • ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن.
  • ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت.
  • ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  • ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگىچە ئۆزى ئۆلسۇن.
  • ئەقىل بولمىسا، كۆز دىگەن تامنىڭ تۆشۈكى.
  • ئەقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
  • ئەقىلنى ئەخمەقتىن ئۆگەن.
  • ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
  • ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن.
  • ئەپتىڭ يامان بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە.

ماقال-تەمسىللەر (ب)

  • بار نىمىنى دىگۈزمەيدۇ، يوق نىمىنى يىگۈزمەيدۇ.
  • باي يۇرتنىڭ ئوزۇقى، باتۇر يۇرتنىڭ قوزىقى.
  • بۆرىنى ئايىساڭ، قويلىرىڭغا زىيان.
  • بۆرىنىڭ بالىسى بۆرە.
  • بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
  • بېشىڭ ئىككى بولمىغىچە، قاچاڭ ئىككى بولماس.
  • بىلمەسلىك ئەيپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيپ.
  • بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.

ماقال-تەمسىللەر (پ)

  • پادا باققاندا دوست ئىدۇق. ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
  • پاكار ئېشەككە ھەر كىم مىنەر.
  • پالۋان دەرد يەيدۇ. بالىلىرى گۆش يەيدۇ.
  • پىچاق ئۆتكۈر بولسا ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق.
  • پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە سال.
  • پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
  • پىيازنىڭ پوستى تولا، ھاماقەتنىڭ دوستى تولا.
  • پەنجىگاھنى بىلمىسەڭ ناۋاغا ناخۇن چەكمە.

ماقال-تەمسىللەر (ت)

تارتىنساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلۇر. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر. تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس. تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ. تام تۈۋىدىن قېرىيدۇ، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ. توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال. توخۇنى ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمىنى يېگەنمۇ ئوغرى. توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر يىل ياشىغان ئەلا. توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى يارار. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەزگە چۈشەر. تويدىن يامانلىساڭ توي قىلىپ كۆر. تۆگەڭ نار بولسا، يۈكۈڭ يولدا قالماس. تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن، پادىشاھلىق ئەل بىلەن. تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ. تۈلكىنىڭ تېرىسى ئۆزىگە دۈشمەن. تېرىساڭ ئالىسەن، ئىزلىسەڭ تاپىسەن. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. تېرىغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر قېرىماس. تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قوشقاچمۇ قورۇمايمەن. تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر. تەلۋە تۆرنى بەرمەس. تەلەپ قىل، سەۋەب قىل. تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ج)

جاپا چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق. جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس. جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماس. جان بار يەردە قازا بار. جان باققان باتۇر. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. جان بىلەن كىرگەن خۇي، قان بىلەن چىقىدۇ. جان چىققاندىن كىيىن ياسىننىڭ نىمە كېرىكى؟ جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس. جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس. جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كۈندە خەمەكلەمدۇ. جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس. جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى تۇت. جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق. جاھان ئۇششۇقنىڭ. جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى. جاھىل ئۆز بېشىنى يەر. جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس. جىدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى. جىق گەپ ئېشەككە يۈك. جىلە قىلساڭ مۈشۈكمۇ چىشلەيدۇ. جىم ئولتۇرساڭ مۆڭ دەيدۇ، ئىگىز ئولتۇرساڭ دۆڭ دەيدۇ. جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا. جىمغۇرنىڭ ھۆنىرى ئىچىدە. جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ. جىننىڭ قەستى شاپتولدا. جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (چ)

چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى ياخشى. چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ چاپىنى بارغا مۇشت ئاتاي، جۇۋىسى بارغا تور كەتسۇن چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق چاسا ئۆلچۈك يۇمىلاق مۇجۇققا چۈشمەس چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قويرۇقىغا ئېسىلار چاققانغا بار، لايپۇسقا يوق چاقىدا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق. قىزىدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق. چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر چالا موللا دىن بۇزار چالا موللا ۋاراقلايدۇ، ئەگرى نوغۇچ تاراقلايدۇ چاۋاك ئىككى قولدىن چىقار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق. چوڭ باشنى ئاچسا، كىچىك كۆتنى ئاچار چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ چوڭغا چوڭچە، كىچىككە ئوڭچە چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە چۆچۈرە كۆلدە پىشار، مانتا چۆلدە چۆچۈرە يېيىشتىن مەقسەت گۆش يېيىش چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار چۈجىنى كۈزدە سانا، چۆچۈرىنى پىشقاندا چۈجە خوراز بىلگىنىنى قىچقىرار چۈشكە نىمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نىمە دىمەيدۇ چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (خ)

خامنى بۇزغان شانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق خانغا يارىغان ئىشىم تازغا يارىماپتۇ خاننىڭ ھۆرمىتى پۇقرا بىلەن خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن يۈرەر خوتۇن ئەرگە قارايدۇ، ئەر يەرگە قارايدۇ خوتۇنغا ئامراق–بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق – كالىغا ئۆچ خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق خوجامنىڭ خۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى خويمۇ سەنەم سالغۇم بار، پۇتۇم قوپال، قۇلۇم گال خۇدا بەرسە ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ كىرىدۇ خۇدا قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىسا، ھاسسىدىن ئايرىماس خۇدادىن كەلسە كەلسۇن، خوجىدىن كەلمىسۇن خۇدايىم بار دەپ ئاچ قاپتۇ، ئېشىكىم بار دەپ كەچ قاپتۇ خەقنىڭ يۇرتىدا سولتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول خەقنىڭ ئىشىغا تۇمۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ خەلق ياندۇرغان چىراقنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر خەلق ئېيتماس،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (د)

  • دوپپىغا پاتقان بېشىم جاھانغا پاتمىدى.
  • دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياققا.
  • دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
  • دوست كەينىدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
  • دوست ئايرىغان دوزاخ تۈۋىدە.
  • دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  • دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
  • دوستۇڭ قاغا بولسا يېيىشىڭ پوق.
  • دوستۇڭنىڭكىنى يە، كۆڭلى قالمىسۇن، دۈشمىنىڭنىكىنى يە، ئۆزىگە قالمىسۇن.
  • دۇتارنىڭ تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز ئادەم قاتاردا يوق.
  • دۇنيادا ئەخمەق بولمىسا، ئەقىل ئىگىلىرى زېرىكىپ قالار.
  • دۈشمەن سىرىڭنى ئوغۇرلايدۇ، دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ.
  • دېزى يوق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس.
  • دىسەڭ گەپ بولىدۇ، دىمىسەڭ دەرد بولىدۇ.
  • دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق.
  • دەرد يامانمۇ، ئەلەممۇ؟ موللا يامانمۇ، قەلەممۇ.
  • دەريانى بۆلگەن تارام، قوشۇننى بۆلگەن قارام.
  • دەشنام يىگىنىم، بەش نان يىگىنىم.
  • دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
  • دەۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم كىلەر.

ماقال-تەمسىللەر (ر)

  • رازى بولمىغان ئاش قۇرساق ئاغرىتار.
  • راست گەپ بۇسۇغىدىن چىققىچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  • راست ئېيتتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
  • راستلىقى ئاز كىشىنىڭ دوستلۇقى ئاز.
  • راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
  • رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
  • رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.

ماقال-تەمسىللەر (ز)

  • زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ.
  • زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
  • زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا قاراپ سۇن پۇت.
  • زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
  • زورلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خورلۇق.
  • زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.
  • زىرائەتنىڭ كۆكىگە ئىشلىمەي، تۈۋىگە ئىشلە.

ماقال-تەمسىللەر (س)

ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم–تالقان بول. ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان. سادىق دەپ ئىسىم قويسا، تۈلكە دەپ لەقەم ئالدى. ساراڭغا سوت يوق. ساراڭنى ساراڭ دەۋەرسە، كۈندە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولار. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل. ساقال دىگەن ئۆچكىدىمۇ بار. سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە. سودىڭىزدىن زېرىكمەڭ، خېرىدارغا تېرىكمەڭ. سورا – سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا – ئۇيىلا كىيىن قاپتۇ. سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس. سۆرەلمە پايدىدىن ئەپچىل زىيان ياخشى. سۆز قېلىپىدا ياخشى، قىلىچ غىلىپىدا ياخشى. سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ. سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاغزىڭدا چايناپ كۆر. سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل. سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ، كۆرگەن كۈنۈم نىمە بولار. سۇ بېشىدا قۇم ئاققۇزار، ئايىغىدا تاش ئاققۇزار. سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ. سۇدا پىىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس. سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى كېلەر. سۇنايچىدىن يەل كېتىدۇ،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ماقال-تەمسىللەر (ش)

  • شىرىننى كۆرمەكچى بولساڭ پەرھادنىڭ كۆزى بىلەن قارا.
  • شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
  • شامال ئۆتمەيدىغان تام يوق.
  • شەرىئەتنىڭ مىڭبىر پۇتىنى بار.
  • شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.