- غازنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ قاغىنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ.
- غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
- غەم قىلغۇچە پەم قىل.
- غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
- غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.
- غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ.
- غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىماپتۇ.
- غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ.
- غېرىبسىنساڭ ئوتسىن.