ئىت كاللىسى تەخسىدە توختىماس. ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قويرۇقىنى بۇيرۇپتۇ. ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس. ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس. ئىتنىڭ ئىگىسى بولسا، بۆرىنىڭ خۇداسى بار. ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما. ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى تىنماس. ئىچى توشمىسا تېشىغا چىقماس. ئىچى كۆيمىگەننىڭ كۆتى قىچىشماس. ئىچىدە روزى تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناپتۇ. ئىززەت تاپاي دىسەڭ خىزمەت قىل. ئىسراپچىلىق نەدە؟ پىشانىسى تەرلىمىگەن يەردە. ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا. ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى قوش. ئىش ئىشتەينى ئاچىدۇ. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان. ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس. ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى. ئىشىك كۆرگەننى ئالما، بۆشۈك كۆرگەننى ئال. ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر. ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس. ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ. ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس. ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ ئىتىغا سۆڭەك تاشلا. ئىلمەكنى ئىشارەت بىلەن رۇسلىغىلى بولماس. ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت. ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا. ئىنەكنىڭ سۈتى...
داۋامىنى ئوقۇڭ!